تەنتەربىيە-ساغلاملىق ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات

يېڭىلانغان ۋاقتى: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى ئىشلەتكۈچىنىڭ تەنھەرىكەت ۋە ساغلاملىق مەلۇماتىنى خاتىرىلەپ، تەھلىل قىلىپ، كەسپىي تەنھەرىكەت يېتەكچىلىكى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. بۇ ئەپنى ئىشلىتىش جەريانىدا تورغا ئۇلىنىدۇ ھەم يانفونىڭىزنىڭ تۆۋەندىكى ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىدۇ: ئورۇن، كۆكچىش، كامېرا، مىكروفون، ئالاقىداش، سۆزلىشىش خاتىرىسى، تېلېفون ۋە بوشلۇق، شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇچۇرىڭىزنى يىغىپ ئىشلىتىدۇ:

• ئۈسكۈنە ۋە تور ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە تەڭشىكى، شەخسىي تەڭشەك، IP ئادرېسى ۋە تور تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• شەخسىي ئۇچۇر، خۇاۋېي ھېساباتى ئۇچۇرى، ھەمدە ئېگىزلىك ۋە ئېغىرلىقىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېگىزلىك ۋە ئېغىرلىق ئۇچۇرى ھەرىكەت ئۇچۇرىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېسابلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

• تەنھەرىكەت مەلۇماتى ئۈسكۈنە ئورنى، تەنھەرىكەت ئىزى، تەنھەرىكەت تۈرى، تەنھەرىكەت ۋاقتى، تەنھەرىكەت ھالىتى، قەدەم سانى، ئارىلىق، ئىسسىقلىق، يۇقىرىغا يامىشىش، ئەڭ چوڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈش مىقدارى ۋە تەنھەرىكەت قىلغاندىكى يۈرەك رىتىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە بۇ مەلۇمات ئىشلەتكۈچىگە ساقلاش ۋە تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

• ساغلاملىق مەلۇماتى ئۇيقۇ، يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى ۋە بەدەندىكى ياغ نىسبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەلۇماتلار ساقلاش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

سىزنىڭ تەنھەرىكەت مەلۇماتىڭىز سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنى خۇاۋېي ساغلاملىق بۇلۇتىغا يۈكلەش-يۈكلىمەسلىك، قەيەردە ساقلاش ۋە يۈرۈتۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى قاتارلىقلار، سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىز، تاللىغان دۆلەت/رايون ياكى سىز كىرگەن ھېسابات تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئەپتە «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «مەخپىيەتلىك» بېتىگە كىرىپ كۆرەلەيسىز.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىزغا قوشۇلمىسىڭىز ياكى مۇناسىۋەتلىك يانفون ئىقتىدارى ياكى ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلمىسىڭىز، بۇ ئەپ نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ئەپنى ئۆچۈرۈپ ياكى «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «مەخپىيەتلىك» بېتىگە كىرىپ، يۇقىرىدا دېيىلگەن مەلۇمات ۋە ئىقتىدارنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

باشقىلىرىنى كۆرۈش